يەرباتان مۇزېيى رېمونت قىلىنىدۇ

كۈنىمىزدە مۇزېيىخانىغا ئايلاندۇرۇلغان ۋىزانتىيەنىڭ 1-ئىمپېراتورى جۈستىنيېن تەرىپىدىن 6-ئەسىردە سېلىنغان ۋە دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى يەر ئاستى سۇ ئامبىرى رېمونت قىلىنىدۇ. رېمونت ئىشلىرى 450 كۈن داۋاملىشىدۇ. يەرباتان مۇزېيى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىپلا قالماي بەلكى نۇرغۇن كىنو فىلىملىرى ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا ساھىبخانلىق قىلغان. مۇزېيى 1500 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 140 مېتىر، كەڭلىكى 70 مېتىر كېلىدۇ. 52 پەلەمپەيلىك. ئىچىدە ئېگىزلىكى توققۇز مېتىر كېلىدىغان 336 تۈۋرۈك بار.