پاپا باكۇدىكى ھايدار ئەلىيېۋ جامەسىنى زىيارەت قىلدى
پاپا فىرانجىس كاۋكاز مۇسۇلمانلىرىنىڭ شەيخى بىلەن باكۇدىكى ھايدار ئەلىيېۋ جامەسىدە كۆرۈشتى. ئىككى دىنىي رەھبەر بىر-بىرىگە سوۋغات ھەدىيە قىلىپ، دىنلار ئارا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە تىنچلىق ئۈمىدى ئىپادىلەنگەن نۇتۇق سۆزلىدى.