مەككە مۇكەررەمە ھاجى نامزاتلىرى بىلەن تولۇپ تاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇلمانلار  مەككىدە ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن توپلىنىشقا باشلىدى

ئالدىنقى يىلى ھەج جەريانىدا يۈز بەرگەن ئىچىنىشلىق ۋەقەدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان مەسئۇللىرى بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى ئاشۇرۇپ، 1 مىليون 400 مىڭ خاجى نامزاتىنى كۈتىۋىلىشقا تەييارلىق قىلدى.

بۇ يىل تۈنجى قېتىم ھاجى نامزاتلىرىغا خۇسۇسىي مەلۇماتلىرى قەيت قىلىنغان ئېلېكترونلۇق بىلەيزۇك تاقىلىدۇ.

دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يېغىلىش بولۇپمۇ ھېسابلىنىدىغان ھەج ئىبادىتى شەنبە كۈنى باشلىنىدۇ.