دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئايال

ئىتالىيەدە ياشايدىغان دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئايال ئېمما مورانو مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە 117 ياشقا كىرىدۇ. ئۇ تۇغۇلغان كۈنىگە ھېچكىمنى تەكلىپ قىلمىغان بولسىمۇ، 19-ئەسىردە تۇغۇلغان بۇ موماينىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر تەبرىكلەشنى خالايدۇ. ئۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكىگە ھەر كۈنى ئىككى تۇخۇم يەيدىغانلىقىغا باغلايدۇ. بەزىدە چاقچاق قىلىپ، پېچىنە-پىرەنىكلەرنىمۇ يەپ قوي قويىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ: «كۆپ يىيەلمەيمەن، چۈنكى چىشىم قالمىدى» دەيدۇ.