11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە رەپىقىسى مېلانىيا ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن 2001-يىلى 11-سېنتەبىر يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى. كىشىلەر بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇردى. ترامپ بىلەن رەپىقىسى يەنە بەش بۇرجەكلىك بىنادا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمىغىمۇ قاتناشتى. 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 2750 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.