زېلېنسكىي: رۇسىيە راكېتالىرى ئاممىۋى ئايرودۇرۇمغا چۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي رۇسىيە راكېتالىرىنىڭ ئاممىۋى ئايرودۇرۇمغا چۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ىلادىمىر زېلېنسكىي  تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ئۇكرائىنانىڭ مەركىزى شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان ۋىننىتسىيەدە، رۇسىيە راكېتالار ئارقىلىق بومباردىمان قىلغان ئاممىۋى ئايرودۇرۇمدا ئوت ئۆچۈرۈشكە تىرىشماقتا ئىكەن.