ئىتالىيەدە يەر تەۋرىدى

ئىتالىيە ناپولى شەھىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئىسچىيا دېڭىز تەۋەسىدە شۇ يەر ۋاقتى 20:57 دە، ئۈرۈمچى ۋاقتى 00:57 ئۆتكەندە 3.6 بال يەر تەۋرىدى. بۇ قېتىقى يەر تەۋرەشتە، ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 10 كىشى ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان ۋە 39 كىشى يارىلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر كىشىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر.