ئىسرائىلىيەدە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ تەييارلىغان  تالاش-تارتىشلىق ئەدلىيە ئىسلاھاتى پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىكۇد پارتىيەسىنىڭ پېشقەدەم ئەزاسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانتنىڭ  نېتانياھۇ تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىدىن كېيىن، ئون مىڭلارچە ئىسرائىلىيەلىكلەر كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.