ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇددۇسنىڭ دەمەشىق دەرۋازىسىدا پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى

 

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى قۇددۇسنىڭ دەمەشىق دەرۋازىسىغا يېقىن جايدا پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى سىنغا ئېلىندى.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلار، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتكەنلىكىنى ۋە ۋەقەنى خەۋەر قىلىۋاتقان مۇخبىرلارنى نازارەتكە ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.