ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىكلەرگە راست ئوق ئاتتى

ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە قۇددۇستا پارتلىغان نامايىشلاردا راست ئوق ئېتىپ، بەش پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى، 28 پەلەستىنلىكنى پلاستىك ئوق بىلەن يارىلاندۇردى، 114 پەلەستىنلىك ئىسىرائىلىيە ساقچىلىرى ئاتقان گازدىن زەھەرلىنىپ جېنىدىن ئايرىلىپ قىلىشقا تاس قالدى.