ئىراقنىڭ نەجەف شەھىرى قويۇق توپا -چاڭ بىلەن قاپلاندى

ئىراقنىڭ نەجەف شەھىرىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن قۇم بورىنى كۆرۈش مۇساپىسىنىڭ پەقۇلئاددە تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولدى.

ئالدىنقى ھەپتە ئىراقنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن قۇم بورىنى سەۋەبىدىن مىڭلىغان كىشى نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولدى.