ئارگېنتىنا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى قوراللىق ھۇجۇمغا دۇچ كەلدى

ئارگېنتىنا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كرىستىنا فېرناندېز ئۆيىگە كىرىشتىن ئىلگىرى قوللىغۇچىلىرى بىلەن سالاملىشىۋاتقان ۋاقىتتا، بىر كىشىنىڭ قورال تەڭلىگەنلىكى، ئەمما قوغدىغۇچىلارنىڭ دەرھال ئۇ كىشىنى بويسۇندۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەرلىك تاراتقۇلاردا، 35 ياشلىق ھۇجۇمچىنىڭ ئىلگىرى قورال ساقلاش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مۇئاۋىن پىرېزىدېنت فېرناندېز ئۆتكەن ھەپتە پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 12 يىل قاماق جازاسى بېرىش تەلەپ قىلىنغان كۈندىن باشلاپ، قوللىغۇچىلىرى ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئۆيى ئالدىدا ئۇنى يىغىلىش ئۆتكۈزمەكتە.