ئىنسان قەلبىنى لەختە قىلىدىغان كۆرۈنۈش...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خارابىلىكتىن چىقىرىۋېلىنغان سۈرىيەلىك بالىنىڭ كۆرۈنۈشى ئىنساننى ئىنسانلىقىدىن نومۇس قىلدۇرىدۇ...

مۇھاسىرە ئاستىدىكى سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە كېچە يۈز بەرگەن ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن خارابىلىكنىڭ ئاستىدىن چىقىرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا ئېلىنغان بەش ياشلىق بالىنىڭ چىرايىدىكى ھەيرانلىق، بىچارىلىك، قېيداش ۋە سۈكۈت ئىنساننى ئىنسانلىقىدىن يەنە بىر قېتىم نومۇس قىلدۇردى.