ئىمران خاننىڭ قوللىغۇچىلىرى پاكىستان ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشتى

ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان باش مىنىستىر ئىمران خاننىڭ قوللىغۇچىلىرى پاكىستان ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشتى.

ئالاقىدار مەسئۇللار ۋە شاھىدلارنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان ساقچىلىرى قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن پايتەخت ئىسلامئابادقا كېلىشكە ئۇرۇنغان سابىق باش مىنىستىر ئىمران خاننىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قارشى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە كالتەك ئىشلەتكەن ھەمدە نۇرغۇنلىرىنى قولغا ئالغان.