ئامېرىكادا ۋاشىنگتون ۋە نىيۇ يوركتا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا قارا تەنلىك جورج فلويىدنىڭ ئۆتكەن ھەپتە مىننېسوتا ئىشتاتىدا ساقچىنىڭ زوراۋانلىقى نەتىجىسىدە ئۆلۈپ كېتىشىدىن كېيىن باشلانغان نامايىشلارنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ كەتكەندىن كېيىن پايتەخت ۋاشىنگتون ۋە نىيۇ يوركتا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.