ئامېرىكادا داجا نامايىشى پارتلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كىچىك ۋاقتىدا قانۇنسىز ھالدا ئامېرىكاغا كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ قوغدىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان داجا (DACA) پىروگراممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇنىڭغا قارشى دۆلەت مىقياسىدا نامايىشلارنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولدى. داجا پىروگراممىسىنى سابىق پىرېزىدېنت ئوباما باشلىغان بولۇپ، 800 مىڭ كۆچمەننىڭ ئىشلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن ۋە كۆچمەنلەرنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىلىشىدىن ساقلاپ قالغان ئىدى.