ئەنقەرە بىلەن دوھا ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئېمبارگو سىياسىتىنى مەغلۇب قىلدى

2017-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر ۋە بەھرەيىن

 قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزدى، ئارقىدىنلا قاتارغا قارىتا قامال سىياسىتىنى يولغا قويدى.

قاتار ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھى تۈركىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، قامال قىلىش قارارىنى توغرا دەپ قارىمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

 ئارقىدىنلا، ئۇ دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى باشلاتتى.

تاكى كىرىزىس ھەل بولغانغا قەدەر ئەنقەرەنىڭ مۇرەسسەچىلىك رولى ئىزچىل داۋاملاشتى.

تۈركىيەنىڭ ئېمبارگو جەريانىدا قاتارنى قوللىشىمۇ رايوندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتتى.

ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنىڭ ئېمبارگو سىياسىتىنى مەغلۇب قىلغانلىقى ئېنىق كۆرۈلدى.