ترامپ ياراتقان كىرىزىسلەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىغا 18 ئاي بولدى...

بىراق ماقۇللىغان قارارلىرى ئامېرىكا بىلەن نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا كىرىزىس پەيدا قىلدى.

ترامپنىڭ كىرىزىس پەيدا قىلغان تۇنجى بەلگىلىمىلىرى، مېكسىكىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى يولغان قويۇلغان بولدى.

قوشنىسى مېكسىكا بىلەن چېگراغا تام سوقۇش ۋەدىسى كىرىزىس ئوتىنىڭ پىلىكىنى تۇتاشتۇردى.

ئىران، لىۋىيە، سومالى، سۈرىيە، ئىراق، يەمەن، شىمالىي كورېيە ۋە ۋېنېزۇئېللا پۇقرالىرىنىڭ ۋىزىلىرىنى توڭلىتىپ قويدى.

كۆچمەنلەرگە قاراتقان «چېداپ تۇرماسلىق» سىياسىتى نەتىجىسىدە، قانۇنسىز كۆچمەنلەر بىلەن پەرزەنتلىرىنى بىر - بىرىدىن ئايرىپ تاشلاپ، تۆمۈر قەپەزلەرگە سولاپ قويۇشى ئۆز دۆلىتىدىمۇ قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى.

تراپنىڭ ئىككىنچى نىشانى، باراك ئوباما دەۋرىدە نىسپەتەن تۈزەلگەن ئىران مۇناسىۋەتلىرى بولدى.

ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن ئۆز ئالدىغىلا چېكىنىپ چىقتى.

ترامپ دەۋرىدە شىمالىي كورېيە بىلەنمۇ يىرىكچىلىكلەر كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

ئۆزئارا قاتتىق باياناتلارنى ئېلان قىلىشقاندىن كېيىن، شىمالىي كورېيەگە قارشى ھەربىي تاللاشنىڭلمۇ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىشى بىلەن ئۇرۇش چىققىلى تاس – تاماس قالدى.

پەلەستىنگە قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسى بىلەن رايوندىكى كىرىزىسنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىۋەتتى.

پۈتۈن ئېتىرازلارغا قارىماستىن، قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.  

14 – مايدا، ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنى تېلئەۋىۋدىن قۇددۇسقا يۆتكەپ، رايوننى ئوت - يالقۇن چەمبىرىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.

خىتاي بىلەن سودا ئۇرۇشى باشلىدى.

خىتايدىن ئېمپورت قىلىنغان 800 دىن ئارتۇق مەھسۇلاتلارغا قوشۇمچە تامۇژنا بېجى قويۇش قارارى ماقۇللىدى.

ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشۇنىڭ ئىككىنچى نىشانى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، خۇسۇسەن گېرمانىيە بولدى.

پولات ۋە ئاليۇمىنغا قوشۇمچە تامۇژنا بېجى قويدى.

ئامېرىكىغا مەبلەغ سالمىغان شىركەتلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش بىلەن تەھدىت سالدى.

تارىخى بويىچە ئوتتۇرىسدا ھېچقانداق كىرىزىس يۈز بەرمىگەن شىمالدىكى قوشنىسى كانادا بىلەنمۇ «NAFTA» كېلىشىمى يۈزىسىدىن جېدەللەشتى.

ئاخىرىقى قېتىمقى كىرىزىس نوتا يۈز بەردى.

ترامپ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئەگەر ناتونىڭ مۇداپىئە خىراجىتىنى ئاشۇرمىغان تەقدىردە، ناتودىن چېقىپ كېتىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى.