تىللېرسون خېلى ئۇزۇنغىچە يالغۇز ساقلىدى

لىۋان پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن پىرېزىدېنتلىق سارىيىغا بارغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون پىرېزىدېنت مىشېل ئاۋننى خېلى ئۇزۇنغىچە ساقلىدى. لىۋان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ تىللېرسوننى كۈتۈۋالمىدى. تىللېرسون لىۋان پىرېزىدېنتىنى ساقلاپ ئولتۇرغاندا ئۈستىلىگە بىر ئىستاكان سۇمۇ قويۇلماسلىقى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.