سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى دەريانىڭ قاتتىق سوغۇقتا مۇزلاپ كېتىشىنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدۇ

رۇسىيەنىڭ شەرقىدىكى يېنىسەي دەرياسى يېقىن ئەتراپتىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن كەلگەن ئىسسىقلىق تەسىرىدە نۆلدىن تۆۋەن 50 گرادۇستىمۇ مۇزلىمايدۇ. كراسيونارسك شەھىرى قاتتىق سوغۇققا دۇچ كەلگەندە، دەريادىن كۆتۈرۈلگەن قويۇق پار شەھەرنى قاپلايدۇ.