رۇسىيە ساقچىلىرى يېكاتېرىنبۇرگ شەھىرىدە ئۇرۇشقا قارشى نامايىشچىلارنى تاياققا تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېكاتېرىنبۇرگ شەھىرىدە ئۇرۇشقا قارشى نامايىشچىلار ئۇكرائىناغا قىلىنغان ھۇجۇمغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار ساقچىلار تەرىپىدىن تاياققا تۇتۇلدى ۋە قولغا ئېلىندى.

مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 6-مارت قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 4300 گە يەتكەن.