پانمۇنجومدىكى تارىخىي ئۇچرىشىش

ئىككى كورېيە رەھبىرى چېگرادىكى پانمۇنجوم ئۇرۇش توختىتىش يېزىسىغا جايلاشقان تىنچلىق ئۆيىدە كۆرۈشتى. كىم جوڭئۇن بىلەن مۇن جائىننىڭ دەسلەپتە قول سىقىشىپ كۆرۈشۈشى ۋە جەنۇبىي كورېيە ئەسكەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن ھۆرمەت قاراۋۇللىرىغا سالام قىلىشى بىلەن باشلانغان ئۇچرىشىشتا، كىم جوڭئۇن تىنچلىق ئۆيىدىكى خاتىرە دەپتىرىگە ئىمزا قويدى.