پىراگادا ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە مەسىلىسى توغرىسىدا تۆت تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېل، ياۋروپا سىياسىي ئورتاق گەۋدىسى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگادا ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ئورنىتىش توغرىسىدا تۆت تەرەپ سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.