مانچىستېر ۋەقەسىدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ بايراقلىرى يېرىم چۈشۈرۈلدى

بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنت بىناسىغا ئېسىلغان ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرى مانچىستېر ۋەقەسىدىن كېيىن يېرىم چۈشۈرۈلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى مانچىستېردىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلەردە ئەنگلىيە بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلكلىرىنى بىلدۈردى.