كاخوۋكا رايونىدا سەل يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاخوۋكا توسمىسىدا 6-ئىيۇن (2023) يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېيىن، 600 كىۋادرات كىلومېتىرلىق يەرنى سەل باستى.

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، سەل يۈز بەرگەن جايلاردا سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى بەش مېتىردىن ئاشقان.

ۋىدېئودا دنىپرو دەرياسىنىڭ توسما پارتلىتىلغاندىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئەھۋالى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنىدۇ.