ھەلەبتىكى پۇقرالارنى يۆتكەيدىغان ئاپتوبۇسلار يېتىپ باردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەلەبتىكى پۇقرالارنى يۆتكەش ئۈچۈن ئاپتوبۇسلار كۈتۈپ تۇرماقتا.

ھەلەبتىكى پۇقرالارنى ۋە قوزغىلاڭچىلارنى يۆتكەش ئۈچۈن كۈتۈلگەن ئاپتوبۇسلار سۈرىيە ھۆكۈمىتى قىسىملىرىنىڭ كونتىروللۇقىدىكى رايوننىڭ يۆتكەش نۇقتىسى بولغان «رامۇسەھ»كە يېتىپ باردى.

يېشىل ۋە ئاق رەڭلىك ئاپتوبۇسلاردىن تەشكىل تاپقان چوڭ كارۋان، يولنى ئېچىش ئۈچۈن كەلگەن توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئەتىگەن سەھەردىلا  «رامۇسەھ»كە يېتىپ باردى.

سۈرىيەلىك قوزغىلاڭچىلار يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشقا خاتىمە بەرگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىلەن ھەلەبتىن چېكىنىشكە تەييارلىق قىلماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن 5 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا باششار ئەسەد ئەڭ چوڭ غەلىبىنى ئالقىنىغا كىرگۈزگەن بولدى.