ھىندىستان دېھقانلىرى جۇمھۇرىيەت بايرىمى كۈنىدە دېھقانچىلىق ئىسلاھاتىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان دېھقانلىرى جۇمھۇرىيەت بايرىمى كۈنىدە تىراكتورلىرىغا مېنىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى شەھىرىدە ئونمىڭلىغان دېھقانلار جۇمھۇرىيەت بايرىمى كۈنى تىراكتورلىرىغا ئولتۇرۇپ، ئىختىلاپقا سەۋەب بولغان دېھقانچىلىق ئىسلاھاتىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.