گىرېتسىيەنىڭ پارتلاتقۇچلىرى ئۇكرائىنادىكى پولات زاۋۇتىنىڭ ئۈستىگە ياغدى

ئاق ۋە پارقىراق پارچىلار شەكلىدە كۆيۈۋاتقان پارتلاتقۇچلار ئۇكرائىنانىڭ مارىيپول پورتىدىكى ئازوۋستال پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ ئۈستىگە يامغۇردەك ياغدى.

بىر ئەنگلىيە ھەربىي مۇتەخەسسىسىنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقە يىراقتىن فوسفورلۇق  بومبا ياكى قورال بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمغا ئوخشايدىكەن.

ۋەقەنىڭ سىن لىنتىسى دونېتسىكتىكتە رۇسىيە تەرەبدارلىقى بىلەن تونۇلغان ۋە ئۆزئالدىغا مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ئالېكساندېر خوداكوۋىسكىي تەرىپىدىن ئۇچۇرلىشىش ئەپى تېلېگراممىدا ئېلان قىلىندى.