دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى مېتيۇ قۇيۇنىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى

يېقىنقى يىللارنىڭ ئەڭ شىددەتلىك قۇيۇنى ھېسابلىنىۋاتقان مېتيۇ قۇيۇنى ھايتى ۋە كۇباغا ئوخشاشلا دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىگىمۇ زەربە بەردى. شەھەرلەر، تېرىقچىلىق يەرلىرى ۋە ساياھەت رايونلىرىنى تالاپەتكە ئۇچراتقان قۇيۇن ئېلىپ كەلگەن زىياننى ھېسابلاش، ئالاقە لىنىيەلىرىنىڭ راۋان بولماسلىقى يۈزىسىدىن ناھايىتى قىيىنغا توختىماقتا.