دىققەتسىزلىك پاجىئە كەلتۈرۈپ چىقاردى

چىلىدا پويىز بىلەن بىر يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىپ، ئىككى ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. پويىزدا يولۇچى يوق ئىكەن. ۋەقەگە يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ قاتناش چىرىغىغا دىققەت قىلمىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.