جەۋدەت يىلماز ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى)  مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلماز ئەتە ئۆزبېكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

2133879
جەۋدەت يىلماز ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان زىيارىتى دائىرىسىدە، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئۇ يەنە، ئۆزبېكىستان ئالىي مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى تانزىلا ناربائېۋا، ئۆزبېكىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جەمشىت قوچقاروۋ بىلەنمۇ ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشىدۇ.

ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتتىن كېيىن، ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.

يىلماز «تۈرك دۇنياسى سودا - سانائەتچىلەر يىغىنى» رامكىسىدا، سودا دۇنياسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىد. ئۇ زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان «3 – نۆۋەتلىك تاشكەنت خەلقئارا مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى»  يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر