ئىراقنىڭ شىمالىدا 15 تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدا يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 15 تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى.

2133394
ئىراقنىڭ شىمالىدا 15 تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرق رايونىدا يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقان 15 تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تۈركىيە قىسىملىرى ۋە چېگرا مۇداپىئە پونكىتلىرىغا قارىتا ھۇجۇم ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقان تېررورچىلار گۇرۇپپىسىنى ئېنىقلاپ چىققان.

بۇنىڭغا ئاساسەن يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىباشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىنغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، سۈرىيەنىڭ  شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«قەھرىمان قىسىملىرىمىز سۈرىيەنىڭ  شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ دائىرىدە، سۈرىيەنىڭ  شىمالىدىكى ‹زەيتۇن شېخى› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر