ئۆنجۈ كەچەلى ئىراقنىڭ كورمور تەبىئىي گازلىقىدىكى تۈركىيە پۇقرالىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ئۆنجۈ كەچەلى ئىراقنىڭ چەمچەمال ناھىيەسىدىكى كورمور تەبىئىي گازلىقىدا ئىشلەۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈستىدە توختىلىپ:«ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرى چەمچەمال ناھىيەسىدە جۈمە كۈنى بىخەتەرلىك مەسىلىسى يۈز بەردى. ھازىر ئەھۋال تىنچتەك قىلىدۇ» دېدى.

2133078
ئۆنجۈ كەچەلى ئىراقنىڭ كورمور تەبىئىي گازلىقىدىكى تۈركىيە پۇقرالىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلى سۇلايمانىيەنىڭ چەمچەمال ناھىيەسىدىكى كورمور تەبىئىي گاز مەشغۇلات رايونىدا ئىشلەۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىنىڭ چەمچەمال ناھىيەسىدە جۈمە كۈنى بىخەتەرلىك مەسىلىسى يۈز بەردى. ھازىر ئەھۋال تىنچدەك قىلىدۇ» دېدى.

ئۆنجۈ كەچەلى ئېكس (X( ئادرېسىدا ھەمبەھرلىگەن باياناتىدا، چەمچەمال ناھىيەسىگە قاراشلىق كورمور رايونىدا تەبىئىي گاز سۇيۇقلاندۇرۇش زاۋۇتى قۇرۇش لايىھەسىگە تۈرك شىركەتلىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەردە ئىشلەۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىدىن تارقاقلاشتۇرۇش تەلىپى كەلگەندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئەربىل كونسۇلخانىسىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، كېرەكلىك ياردەم ۋە يېتەكچىلىك خىزمەتلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ باياناتىدا، «ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىنىڭ چەمچەمال ناھىيەسىدە جۈمە كۈنى بىخەتەرلىك مەسىلىسى يۈز بەردى. ھازىر ئەھۋال تىنچدەك قىلىدۇ» دېدى ۋە رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.  

ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىگە قاراشلىق كورمور تەبىئىي گاز مەشغۇلات رايونىغا قىلىنغان ئۇچقۇھۇجۇمىدا، ئۈچ كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

چەمچەمال ناھىيەسى باشلىقى رەمق رامازان يەرلىك تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىدا، مەركىزىي ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە بولغان ئېنېرگىيە شىركىتى «Dana Gas» تەرىپىدىن ئېچىلىۋاتقان كورمور تەبىئىي گاز مەشغۇلات رايونىغا ئۇچقۇ بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ھۇجۇمدا ئۈچ كىشىنىڭ قازا قىلىپ، ئۈچ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ زاۋۇت 25 - يانۋاردىمۇ (2024) ئۇچقۇھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئالدىنقى يىللاردىمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر