سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2133246
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«قەھرىمان قىسىملىرىمىز سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ دائىرىدە، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ‹زەيتۇن شېخى› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»