تۈركىيە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە قانۇنلۇق قوغدىنىش ھوقۇقى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ «پۈتۈنلەي تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرى ۋە ئۇلار تېررورلۇق پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىۋاتقان جايلارغا زەربە بېرىشنى نۇقتا قىلىدىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

2131826
تۈركىيە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2023-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا تۈركىيەگە قارىتا ئاساسسىز ئەيىبلەشلەر، ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىغان ئۇچۇرلار ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلارغا ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ يىلمۇ «كېلىپ چىقىش مەنبەسى ئېنىقسىز سەپسەتىلەر بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بولغان تەرەپلەرنىڭ سۆزلىرى ئاساسىدا تەييارلانغان» بۇ دوكلاتنىڭ نەزەرگە ئېلىنمايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «دۆلىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان كۆپ تەرەپلىمىلىك، شۇنداقلا ئېغىر تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە قارىماي، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇش پىرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىدە قەتئىي چىڭ تۇرماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق قوغدىنىش ھوقۇقى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ «پۈتۈنلەي تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرى ۋە ئۇلار تېررورلۇق پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىۋاتقان جايلارغا زەربە بېرىشنى نۇقتا قىلىدىغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، تېررورلۇقنىڭ بارلىق شەكىللىرىگە قارشى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەققانىي ۋە يوللۇق كۈرەشنىڭ دائىرىسىنى ياخشى بىلىدىغان بىر ئىتتىپاقداش بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان تۇتۇرۇقسىز سەپسەتىلەردە چىڭ تۇرۇۋېلىشىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە: «بىز يەنە بىر قېتىم ئامېرىكانىڭ دىققىتىنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئورناتقان ھەمكارلىقلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچەملىك سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر