جەۋدەت يىلماز رۇمىنىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلماز بۈگۈن رۇمىنىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

2131781
جەۋدەت يىلماز رۇمىنىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلماز زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، يەنى 26-ئاپرېل رۇمىنىيە ھۆكۈمەت بىناسىدا رۇمىنىيە باش مىنىستىرى مارسېل سىئولاكۇ بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدۇ، ئاخىرىدا رۇمىنىيە پىرېزىدېنتى كلائۇس يوھاننىس تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

ئۇ يەنە شۇ كۈنى دىراگالىنادىكى قارادېڭىز-پودىسور تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە مەجىدىييە رايونىدىكى ئومنىيا كىراخمال زاۋۇتىدىكى ئىشچىلار بىلەن كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر