ياشار گۈلەر: «ئىراق بىلەن بىرلەشمە ھەرىكەت مەركىزى قۇرىمىز»

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ئىراق بىلەن بىرلەشمە ھەرىكەت مەركىزى قۇرۇش ھەققىدە توختىلىپ، «بىرلەشمە ھەرىكەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى ئېنىق بولىدۇ، ھازىر قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق قارار ماقۇللىدى» دېدى.

2131292
ياشار گۈلەر: «ئىراق بىلەن بىرلەشمە ھەرىكەت مەركىزى قۇرىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دا ئۆتكۈزۈلگەن 23 - ئاپرېل بالىلار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ياشار گۈلەر ئىراق بىلەن بىرلەشمە ھەرىكەت مەركىزى قۇرۇش ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «خىزمەتلىرىمىز داۋاملىشىدۇ، نېمىلەرنى قىلىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە  خىزمەت قىلىمىز.  ئاندىن بىرلەشمە ھەرىكەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى ئېنىق بولىدۇ. ھازىر  پەقەت قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق قارار ماقۇللىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر