ئەردوغان ئۆسمۈرلەر ھەيئىتىنى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە قارشى ئالدى

ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە مىللىي مائارىپ مىنىستىرى يۈسۈپ تەكىننىڭ ھەمراھلىقىدىكى كىچىك ئۆسمۈرلەرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

2131356
ئەردوغان ئۆسمۈرلەر ھەيئىتىنى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە قارشى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «تارىخىمىزدىكى مۇشۇنداق مۇھىم بىر كۈننىڭ (23-ئاپرېلنىڭ) بالىلارغا سوۋغا قىلىنىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ پەقەتلا بالىلارغا ئەمەس، بەلكى ئۆز كەلگۈسىگىمۇ ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر» دېدى.

ئەردوغان بالىلارغا خىتاب قىلىپ، 23-ئاپرېل دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

ئەردوغان تۈركىيەدىكى ئۆسمۈرلەر بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ بايرىمىدا ئۆسمۈرلەرنى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە قارشى ئالغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ،  دۇنيادىكى بارلىق ئۆسمۈرلەرگە سۆيگۈلىرىنى يوللىدى.

ئەردوغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ تۇنجى رەئىسى، مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ باش قوماندانى ۋە جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك قاتارلىق تۈركىيەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالغا كېلىشىدە تۆھپىسى بولغان بارلىق كىشىلەرنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە 23 - ئاپرېلدا بالىلار بايرىمى بىلەن تەڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلغانلىقىنىڭ 104 - يىللىقىنىمۇ تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ يەنە مۇنداق دېدى:

«تارىخىمىزدىكى بۇنداق مۇھىم بىر كۈننىڭ كەلگۈسىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان ئۆسمۈرلەرگە سوۋغا قىلىنىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ پەقەتلا بالىلارغا ئەمەس، بەلكى ئۆز كەلگۈسىگىمۇ ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بىزمۇ  تۈركىيە ئەسرى تەسەۋۋۇرىنى سىزلەرگە ئامانەت قىلدۇق. تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەر بىرىڭلارنىڭ بۇ ئامانەتكە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئىگە چىقىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر