ئەردوغان گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋالتېر ستېينمېيېرنى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قارشى ئالىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋالتېر ستېينمېيېر بىلەن كۆرۈشىدۇ.

2131311
ئەردوغان گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋالتېر ستېينمېيېرنى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قارشى ئالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان ستېينمېيېرنى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا كۈتۈۋالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رەسمىي ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە - گېرمانىيە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرى ھەرقايسى جەھەتتىن ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر باھالىنىدۇ.

ئۇچرىشىشتا يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىغا قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرى، رايوننىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، ئۇكرائىنا بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش ۋە تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا، خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەرمۇ  مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر