سۈرىيەنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «‹فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا تاجاۋۇز قىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2131432
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:
«تېررورچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكلىرى ھەرگىزمۇ جاۋابسىز قالمايدۇ. قەھرىمان قىسىملىرىمىز سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ‹فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىك مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن پاراكەندىچىلىك سالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 4 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.»