سەدات ئۆنال: ب د ت سىستېمىسى ھەممىگە ۋەكىللىك قىلىشى كېرەك

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى، باش ئەلچى سەدات ئۆنال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسىنى ھەممىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان شەكىلدە ئىسلاھ قىلىشقا ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتتى.

2131279
سەدات ئۆنال: ب د ت سىستېمىسى ھەممىگە ۋەكىللىك قىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن سەدات ئۆنال رەپىقىسى فىگەن ئۆنال بىلەن بىرلىكتە تۈركئۆيى بىناسىدا خۇشلىشىش زىپايىتى بەردى. زىياپەتكە كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىللىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەمەلدارلىرى، دىپلوماتلار ۋە تۈركىيە-ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى مېھمانلار قاتناشتى.

سەدات ئۆنال بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى:

«قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دەۋرىمىزدىكى بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا ئەڭ مۇھىم دۇنياۋى تەشكىلات بولۇشتەك رولىنى ئىزچىل جارى قىلدۇرماقتا.»

«بولۇپمۇ يېقىنقى تارىختا يۈز بەرگەن بەزى مەغلۇبىيەتلەرگە قارىماي ئۈمىد چىرىغى تېخى ئۆچكىنى يوق. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ھالقىلىق مەسىلىلەردە بىز چوقۇم ئورتاق تونۇشنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك.»

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسىنى ھەممىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان شەكىلدە ئىسلاھ قىلىشقا ئېھتىياج بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر