ئەردوغان ئىراق زىيارىتىنى تاماملىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراقتىكى زىيارىتىنى ئۇتۇقلۇق ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۈركىيەگە قايتىپ كەلدى.

2130972
ئەردوغان ئىراق زىيارىتىنى تاماملىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى رەئىسى نەچىرۋان بارزانى، باش مىنىستىرى مەسرۇر بارزانى ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىقىدكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدە كۆرۈشۈپ، رايون، خەلقئارا ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەتلەشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇچرىشىشتا، ئىراقنىڭ كۈندىن-كۈنگە زوراۋانلىقتىن يىراقلاشقانلىقىنى كۆرۈشنىڭ كىشىنى خۇشال قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى كۈنتەرتىپتىن چىقىرىپ تاشلاش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق بىلەن ئىنتايىن كەڭ دائىرىلىك قانۇنىي كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى ۋە بۇ ھەمكارلىق پىلانىنىڭ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى رايونىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پايتەخت باغدادتا ئىمزالانغان رامكا كېلىشىمى ئارقىلىق دۇنياغا ئېلان قىلىنغان «تەرەققىيات يولى» تۈرىنىڭ پۈتكۈل ئىراقنىڭ پاراۋانلىقى ۋە تىنچلىقىغا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، باغداد ۋە ئەربىل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۈچىنچى تەرەپلەرنىڭ ئارىلىشىشلىرىغا يوق قويماي، ساغلام سۆھبەت ۋە خىزمەت لىنىيەسى تەسىس قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسىنى تىلغا ئالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، دەرەجىك-زەتى تاموژنا ئېغىزىدىن ماشىنىلارنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، رايوندىكى تۈركمەنلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋەكىللىك ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىيارىتى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى؛ باياناتتا، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى رەئىسى نەچىرۋان بارزانى ۋە باش مىنىستىرى مەسرۇر بارزانىنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيە بىلەن ھەر ساھەدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، قىيىن ۋاقىتلاردا ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قىلىنغان ياردەملەر ھەمدە ئورنىتىلغان ھەمكارلىقلار ئۈچۈن، تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراقتىكى زىيارىتىنى تاماملاپ پايتەخت ئەنقەرەگە قايتىپ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر