ئەردوغان: پ ك ك نى يوقىتىش ئىراق ئۈچۈنمۇ پايدىلىق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك نى يوقىتىشنىڭ ئىراقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

2131045
ئەردوغان: پ ك ك نى يوقىتىش ئىراق ئۈچۈنمۇ پايدىلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق زىيارىتىدىن قايتىۋېتىپ، ئايروپىلاندىكى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەردوغان تۈنۈگۈنكى ئىراق زىيارىتى جەريانىدا، يېقىندىن بۇيان كۈچىيىۋاتقان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ، بولۇپمۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، سودا، قاتناش، ئېنېرگىيە ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراقنىڭ يېقىندا پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى «چەكلەنگەن تەشكىلات» دەپ جاكارلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان: «بىز دۆلىتىمىزنىڭ بۇنىڭدىن رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۇق» دېدى.

ئەنقەرەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى ئىراق بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «پ ك ك / ي پ گ/ پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراقنىڭمۇ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە تىنچلىقىغا تەھدىت. بۇ تەھدىتنى يوقىتىش ئىراقنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن. مەن ئۇلارنىڭ بۇ ھەقىقەتنى كۆرۈپ يېتىپ، بۇ مەسىلىنى تۈگىتىش ئىرادىسىنى نامايان قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئىراقنىڭ تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى ۋە خەلقئارا مەبلەغنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، بۇ تېررورلۇق ئورەكلىرىنىڭ تۈزلىنىشى ۋە ئىراق ئۈچۈن ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان كەلگۈسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى تولىمۇ مۇھىم» دېدى.

تېررورلۇقنى ئۇنداق ياكى مۇنداق ئۇسۇل بىلەن يوقىتىىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «بىزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىرادىمىز قەتئىي. مەيداننى ھەرگىزمۇ تېررور ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىللە ماڭغان ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى پىچكا قىلىپ ئىشلىتىدىغانلارغا تاشلاپ بەرمەيمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر