تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى

تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.

2131006
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ گىرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانلىقىدا پايتەخت ئافېنادا ئېچىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باش ئەلچىلەر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار قاتناشقان يىغىندا، تەرەپلەر ئىلگىرى ماقۇللانغان 2024-يىللىق ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرىگە قايتا قاراپ چىقتى ھەمدە 2025-يىلىدىكى يولغا قويۇش پىلانلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

«يىغىن ئىجابىي كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈلدى» دېيىلگەن باياناتتا، تۈركىيە تەرەپنىڭ كېلەر قېتىملىق ئۇچرىشىشقا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر