سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا 15، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 4 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

2131047
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ پ ك ك / ي پ گ نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا بايقالغان 15 ئەزاسى بىلەن سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بايقالغان تۆت ئەزاسىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «شېھىتلىرىمىز ئۈچۈن، خەلقىمىز ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. تېررورچىلار ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان مۇقەررەر ئاقىۋەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر