دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 23-ئاپرېل ئىگىلىك ھوقۇق بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتتى.

2130999
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 23-ئاپرېل ئىگىلىك ھوقۇق بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «مۇستەقىللىقىمىزدىن ۋاز كەچمىگەن تۈرك مىللىتىنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئىپادىسى بولغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى (ت ب ب م) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 104-خاتىرە يىلى مۇبارەك بولسۇن! باش قوماندانىمىز ۋە جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى، مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ قەھرىمانلىرىنى ھۆرمەت، مىننەت ۋە سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر