ئىستانبۇلدا ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قاراتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىغا قارشى نارازلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن مىڭلىغان كىشى، ئىستانبۇلنىڭ بەيازىت مەيدانىدىن ئاياسوفيا جامەسىگىچە پىيادە يۈرۈدى.

2130563
ئىستانبۇلدا ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
istanbul gazze'ye destek.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى جەمئىيىتى (IHH) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «غەززەنى ئۇنتۇما!» ناملىق پىيادە يۈرۈشكە، پەلەستىنلىك ئامېرىكا پۇقراسى، ئاتاقلىق پائالىيەتچى ھۇۋەيدا ئارراف، ئىسپانىيەدىن سابىق بارسېلونا شەھەر باشلىقى ئادا كولاۋ ۋە ئامېرىكالىق سابىق دىپلومات شۇنداقلا پېنسىيونىر پولكوۋنىك ئەن رايتمۇ ئىشتىراك قىلدى.

پىيادە يۈرۈشكە قاتناشقۇچىلار «ھازىر دەرھال ئۇرۇشنى توختات!» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدى.

پەلەستىن ئازادلىق بىرلەشمىسىنىڭ باياناتچىسى شۇنداقلا پېنسىيونىرئامېرىكا ئەسكىرى ئەن رايت ئاياسوفيا مەيدانىدا سۆز قىلىپ: «بىز غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن پاراخوتلىرىمىزنى يولغا چىقىرىمىز. غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك پاجىئەسىنى توختىتىش، ئاچارچىلىققا دۇچار قىلىنغان كىشىلەرگە يېمەكلىك يەتكۈزۈش ئۈچۈن يولغا چىقىمىز. دۇنيا رەھبەرلىرىگە خىتاب قىلىمەن، بىزلەر ئىنسانپەرۋەرلىك مەقسىتى بىلەن يولغا چىقتۇق» دېدى.

نامايىشقا قاتناشقان بارسېلونانىڭ سابىق شەھەر باشلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئادا كولا: «بارسېلونا ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلىغان ئەڭ چوڭ شەھەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يېتەرلىك ئەمەس. ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىدىن نومۇس قىلىمەن، شۇڭا مەن بۇ يەرگە كەلدىم. مەن ئەركىنلىك ئۈچۈن يولغا چىققانلار بىلەن بىللىمەن. قورشاۋنى بۇزۇپ تاشلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى جەمئىيىتى (IHH) ئىجرائىيە  ھەيئىتى ئەزاسى مۇھەممەد جىھات چەلىك سۆز قىلىپ: «يەتتە ئايدىن بۇيان ئىشغالىيەتكە قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان قەھرىمان غەززە خەلقى ئۈچۈن بۇ يەردىمىز. بىز پەزىلەتلىكلەر ئىتتىپاقى قۇردۇق، دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدىن ۋىجدانلىق كىشىلەرنى بۇنىڭغا قاتناشتۇردۇق ۋە نىشانىمىزنى قايتىدىن غەززەگە توغرىلايمىز، غەززەگە بارىمىز، ئۇرۇش توختىتىشتا مۇھىم رول ئوينايمىز، بىز ئېمبارگولارنى بۇزۇپ تاشلايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر