تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش كېڭىشىنى باشلىدى
تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش كېڭىشىنى مارتتا (2024) ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىستراتېگىيەلىك مېخانىزم يىغىنى بىلەن قوشۇپ قايتا باشلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش كېڭىشىنى باشلىدى. بۇ دائىرىدە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ماسلاشتۇرغۇچىسى ئېلىزابېت رىچارد مۇزاكىرە ئۈچۈن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.
كېڭىشىش دائىرىسىدە، تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك تەشكىللىك جىنايەتلەرگە قارشى كۈرەش شۇنداقلا سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى پ ك ك، د ھ ك پ -ج ۋە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
تۈركىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەرگە ئەتراپلىق قاراپ چىقىلىدۇ.
يەرشارى پۇل-مۇئامىلە يوللىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن سۈيىئىستېمال قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرىمۇ كۈنتەرتىپتە بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا 32 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 32 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.