شىمشەكنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەكنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى داۋاملاشماقتا.

2130470
شىمشەكنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى شىمشەك زىيارىتى دائىرىسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى ۋاللى ئادېيېمو بىلەن كۆرۈشتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مالىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، شىمشەك بىلەن ئادېيېمو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – تۈركىيە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئۇچرىشىشتا، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن باشقا، پۇل ئاقلاش ۋە تېررورىزمنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىگە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر