گېرمانيە پىرېزىدېنتى تۈركىيەنى ئىككى كۈن زىيارەت قىلىدۇ
گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋالتېر شتانمايېر (Frank-Walter Steinmeier) بۈگۈن (22-ئاپرېل) تۈركىيەگە قاراتقان تۇنجى قېتىملىق زىيارىتىنى ئىستانبۇلدىن باشلايدۇ.
2130416
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋالتېر شتانمايېر ئىستانبۇل، غازىئانتەپ ۋە ئەنقەرەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىككى كۈنلۈك تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا، گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.
پىرېزىدېنت شتانمايېر 24-ئاپرېل جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەنقەرەدە كۆرۈشىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا 32 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 32 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.